قانداق قىلغاندا ۋاكالەتچىنىڭ ئېقىپ كېتىش نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟

3 يىل ئىلگىرى yasinjan چىكىلىشى: 270

قانداق قىلغاندا ۋاكالەتچىنىڭ ئېقىپ كېتىش نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟

 

كونا يىل ئاخىرلىشىپ يېڭى يىل كېلەي دەپ قالدى، نۇرغۇن ئۈندىدار سودا ئۆمەكلىرى داۋالغۇشقا باشلىدى، نۇرغۇن داھىيلار ئەنسىرەشكە باشلىدى، نۇرغۇن ماركىلار مال سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە باشلىدى. داۋالغۇشنىڭ سەۋەبى ۋاكالەتچىنىڭ دىققىتىنى يىغالماسلىقىدا، ئەنسىرەشنىڭ سەۋەبى ۋاكالەتچىنىڭ بۇ يىلدىن كېيىن كۆپ مىقداردا مال بېسىلىپ قېكىشىدىن ئەنسىرەش، سەۋەبى ۋاكالەتچىنىڭ كۆپرەك پۇل تېوىشقا ئالدىرىغانلىقىدا.

قانداق قىلغاندا ۋاكالەتچىنىڭ ئېقىپ كېتىش نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ۋاكالەتچىنىڭ يېپىشقاقلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا كوللېكتىپنىڭ سادىقلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ؟ مەن بۇنىڭ كوللېكتىپ رەھبەرلىرى بىلىشكە تەشنا بولغان جاۋاب ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.

2020-يىلى يىل بېشىدىلا نۇرغۇن كوللېكتىپ قۇرغۇچىلار مېنى ئىزدەپ كېلىپ: يا مۇئەللىم، ۋاكالەتچى بولغاندىن كېيىن قايناق ھېسسىيات قالمىدى، يوقاپ كېتىش نىسبىتى ئېغىر قانداق قىلىمىز؟ ئىشىنىمەنكى بۇ يىلدىن كېيىنمۇ ئوخشاش بولىدۇ، نۇرغۇن كوماندىلار ۋاكالەتچىنىڭ ئېقىپ كېتىشى، ۋاكالەتچىلىك ھالىتىنىڭ ياخشى بولماسلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارغا دۇچ كېلىدۇ.

قانداق قىلغاندا ۋاكالەتچىنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ ھەمدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى مىكرو تور سودىگەرلىرى قانداق ئىشلارنى قىلىشى كېرەك؟ تۆۋەندىكى ئىشلارنى ياخشى قىلسىڭىز، كوللېكتىپىڭىزنىڭ يوقاپ كېتىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ، تۆۋەندىكى ئىشلارنى ياخشى قىلسىڭىز، كېلەر يىلى كوللېكتىپىڭىز داۋاملىق كېڭىيىدۇ.

1. يىل ئىلگىرى كوللېكتىپ خۇلاسە قىلىپ ئېرىشكەن نەتىجىلەر.

بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن، مىكرو تور سودىسى قىلغاندا چوقۇم نۇرغۇن ھاسىلاتلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، كوللېكتىپنىڭ داھىيسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن چوقۇم كوللېكتىپنى باشلاپ كوللېكتىپنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ چىقىشىمىز كېرەك. مەن دائىم مىكرو تور سودىگىرىگە سۆزلىگەنسىرى قىزغىنلىقى ئېشىپ ئۆسۈپ يىتىلىدۇ، سىز قانچە قېتىم خۇلاسىلىدىڭىز؟

ئەگرى يولدا مېڭىش قانچە ئاز بولسا، ئۆسۈپ يېتىلىش شۇنچە تېز بولىدۇ. كوللېكتىپ داھىيلار يادرولۇق ۋاكالەتچىلەرنى توپلاردا ياكى سىنلىق يىغىن ئېچىپ، 2020-يىللىق نەتىجىلىرىدىن كۆپچىلىك بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇشى كېرەك، قانداق ياخشى ئىشلەنگەن جايلار بار؟ قايسى جايلار ياخشى ئىشلەنمىدى؟ بەھرىمەن بولۇش جەريانىدا كەسپىي خاتىرىلىگۈچى ياخشى خاتىرە قالدۇرۇپ، كۆپچىلىك بەھرىمەن بولىدىغان جەۋھەرلەرنى خاتىرىلەپ مېڭىشى كېرەك. خۇلاسە ئېنىق بولغاندىن كېيىن يولنى مېڭىپ بولغىلى بولىدۇ، خۇلاسە كۆپ بولسا ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ، شۇندىلا كوللېكتىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدۇ.

2. كېيىنكى كوللېكتىپ ھەرىكەت پىلانى.

بىر يىل ناھايىتى تېز ئۆتىتىدۇ يۇقۇمدىن كېيىن ئىش باشلاش ئاساسەن ئورتاق بىرئىش بولۇپ قالدى ، ئەگەر بىز كېلەر يىللىق پىلاننى ياخشى تۈزمىسەك، يېڭى يىل باشلانغاندا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىتقا دەخلى يېتىدۇ، پەقەت باشقىلاردىن كېيىن قېلقېلىشىمىز مۈكۈن، شۇڭا مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى پىلان تۈزۈشىمىز كېرەك. كوللېكتىپنىڭ داھىيسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن يادرولۇق ۋاكالەتچىلەرنى باشلاپ بىرلىكتە پىلان تۈزۈپ، كوللېكتىپنىڭ كېلەر يىللىق تەرەققىياتىنى بىرلىكتە پىلانلىشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ پىلاننى چوقۇم يولغا قويۇشقا بولىدۇ، قۇرۇق گەپ سېتىش ئەمەس. كوللېكتىپ تەرەققىيات پىلانىنى بىر-بىرلەپ تۈزۈپ چىقىپ، ئاندىن يولغا قويۇش لايىھىسىنى ياخشى يېزىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن: پىلان بولمىسا پىلان مەغلۇپ بولىدۇ، پىلان بولمىسا پۈتۈن كاللىكتىپ گاڭگىراشلىق ئىچىدە ئۈتۈپ  كېتىدۇ!

2020-يىلى 7-ئايدا بىر مەيدان تور سىرتىدىكى سودىگەر چاقىرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش پىلانلىغان ئىدۇق ئەپسۇسكى يۇقۇم سەۋەپلىك ئەمەلدىن قالدى.

بۇندىن كېيىنكى پىلان چوقۇم ئىنچىكە ، ئېنىق بولۇشى كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ.

3. بىر قېتىملىق تور سىرتىدىكى پائالىيەتنى تەشكىللەش.

توردا پاراڭلىشىش تور سىرتىدا كۆرۈشكەنگە يەتمەيدۇ، چاغاندىن بۇرۇن ئامال بار ئۆمەك تەشكىللەپ تور سىرتىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈش، بۇمۇ نۇرغۇن شىركەتلەرنىڭ يىللىق يىغىن ئېچىشتىكى مەقسىتى. ئۈچ ئۈلۈش ھېسسىيات ئۇچراشقاندا، كوللېكتىپنىڭ بىللە بولىدىغان ۋاقتى كۆپەيسە، ھېسسىيات تەبىئىيلا چوڭقۇرلىشىدۇ. ئەگەر شارائىت يار بەرمىسە، سىز ئۆز جايىڭىزدا ۋاكالىتەن يىغىلىش ئۆتكۈزسىڭىز بولىدۇ، كۆپچىلىك بىرلىكتە تاماق يەپ، ناخشا ئېيتىپ، كۆڭۈل ئېچىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولغان ھېسسىياتىڭىز تەبىئىي ھالدا چوڭقۇرلىشىدۇ. شارائىت يار بەرسە، يادرولۇق ۋاكالەتچىنى تەشكىللەپ، ئالدىن بىر قېتىم ساياھەت قىلسىمۇ بولىدۇ، 3/4 كۈندە ھەممىسى بىر يەرگە جەم بولسا، ھېسسىيات تەبىئىي ھالدا چوڭقۇرلىشىدۇ. مەن نۇرغۇن مىكرو تور سودىگەرلىرىگە مۇنداق بىر جۈملە سۆز قىلغان: ۋاكالەتچىلەر بىلەن بولغان ھېسسىيات مۇناسىۋىتى چوقۇم مەنپەئەت مۇناسىۋىتىدىن چوڭ بولۇشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ۋاكالەتچىلىك مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرغىلى، قولدىن كېتىش نىسبىتىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ، شۇڭا كۆپرەك يىغىلىپ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ، كۆپرەك كۆرۈشەيلى.

ئۆت. يادرولۇق ۋاكالەتچىنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بىر پارچە ئىللىق سوۋغات سوۋغا قىلىش.

ھېيىت-بايرامدا نۇرغۇن كىشىلەر ئاتا-ئانىسىغا قانداق سوۋغات ئېلىپ بېرىشنى ئويلايدۇ، لېكىن ناھايىتى ئاز ساندىكى كوللېكتىپلار ۋاكالىتەن ئاتا-ئانىسىغا سوۋغات ئېلىپ بېرىدۇ، ئويلاپ باقايلى، سىز ۋاكالەتچىڭىزنىڭ  ئاتا-ئانىڭىسىنى ئۆز ئاتا-ئانىڭىز ئورنىدا كۆرۈپ، ھېيت-بايراملاردا سوۋغات بېرىپ، زىيارەت قىلىش دېگەندەك ئىشلارنى قىلسىڭىز، سىزنىڭ ۋاكالەتچىڭىز سىزگە ئەگەشمەي ؟ سىزدىن مىننەتدار بولماي تۇرالامدىم؟ ئۇلار سىزگە سادىق بولماي تۇرالامدۇ ؟ كوللېكتىپنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ھېيىت-بايرامدىن بۇرۇن يادرولۇق ۋاكالەتچىڭىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغا بىر پارچە سوۋغا ئەۋەتىشىڭىز كېرەك، سوۋغات ئاددى بولسىمۇ، ھېسىيات كۈچلۈك، بۇنداق كىچىك ھەرىكەت سىزنىڭ ۋاكالەتچىڭىزنى چوقۇم بەك تەسىرلەندۈرىدۇ، ۋاكالەتچىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ، ھەم پەرزەنتلىرىنىڭ سىزگە ئەگىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ مىكرو سودا بىلەن شۇغۇللىنىشىغا مەدەت بېرىپ خاتىرجەم بولىدۇ. قانداق نەرسە سېتىۋېلىشنى ئۆزىڭىز ئويلىشىڭ، قىزلارنىڭ كۆڭلى بىر قەدەر ئىنچىكە، نېمە سوۋغا قىلسا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ھەممىسى بىلىدۇ.

5. بارلىق يادرولۇق ۋاكالەتچىلەر بىلەن  تېلېفونئارقىلىق  بىر قېتىم چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇڭ.

مەن ئىلگىرى مۇنداق بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان: % 70 مىكرو تور سودىگىرىنىڭ ئەزەلدىن ۋاكالەتچىگە تېلېفون قىلمىغانلىقىنى بايقىدىم، ھەتتا تېلېفونىنىمۇ بىلمەيدىكەن، ئۈندىدارنىڭ ئىشلىتىش قېتىم سانى شۇنچە يۇقىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، بىز پەقەت ئاتا- ئانىمىز، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىمىز، ئەڭ ياخشى دوستلىرىمىزغىلا تېلېفون قىلامدۇق، سىز ۋاكالەتچىنى ئائىلىڭىزدىكىلەر دەپ قارىسىڭىز؟ كۆپچىلىكنىڭ يادرولۇق ۋاكالەتچى بىلەن ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم تېلېفون قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھېيىت-بايرامدىن بۇرۇن ۋاكالەتچىلەر بىلەن بىر قېتىم چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بۇ بىر يىلدىكى ھاسىلات، ئۆسۈپ يېتىلىش، تۇرمۇش، خىزمەت، ئائىلە قاتارلىقلارنى سۈرۈشتۈرۈشىڭىز كېرەك، بۇنداق ئازادە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ۋاكالەتچىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىزنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولىدىغانلىقىنى، ئەڭ ئاخىرىدا ۋاكالەتچىنىڭ سادىقلىقىنىڭ تەبىئىيلا يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز.

6. مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يىغىنى ئېچىش.

مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش جۇڭگونىڭ مەدەنىيىتى، ئادەم بولۇشتا چوقۇم مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنى، جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلىش كېرەك. يېڭى يىلنىڭ ئالدىدا بىر قېتىم ۋاكالەتچىلەرگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يىغىنى ئېچىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، ۋاكالەتچىڭىزگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىشىڭىز كېرەك، ئەھۋال يار بەرمىسە توردا بولسىمۇ بولىدۇ، بەك  بولمىسا ئۈندىدار توپىدا بولسۇن. مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش يىغىنىدا ھەركىم ئۆزىنىڭ بۇرچى، كوللېكتىپقا بولغان تەسىراتىنى ئورتاقلىشىش كېرەك، بۇ بىر يىلدا كوللېكتىپقا ئەگىشىپ يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئەسلەپ ئۈتۈش، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ھېسسىياتلىق ھايۋانلار، بۇ تەدبىر ئارقىلىق ۋاكالەتچىلەر سىزنى مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان مەسئۇلىيەتچان خوجايىن دەپ قارايدۇ، تەبىئىيلا سىزگە ئەگىشىپ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشنى خالايدۇ.

7-. مۇنەۋۋەر ۋاكالەتچىلەرگە گۇۋاھنامە ۋە مۇكاپات پۇلى بېرىش.

كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھۇزۇرلىنىشىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ ئىنسان تەبىئىتى. كوللېكتىپ رەھبىرى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ۋاكالەتچىلەردىن ھۇزۇرلىنىشنى ۋە ئۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك، قانچە مۇئەييەنلەشكەنسېرى شۇنچە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ، سىز ۋاكالەتچىنى ئۈزلۈكسىز مۇئەييەنلەشتۈرىسڭىز، ئۇلارنىڭ ئۇچقاندەك ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولالايسىز،سىزنىڭ ھەربىر ھەرىكىتىڭىز

ئۇلارغا يېتەرلىك ئىشەنچ ئاتا قىلدۇ. يىل ئاخىرىدا مۇنەۋۋەر ۋاكالەتچىلەرگە گۇۋاھنامە تارقىتىش ۋە ئاكتىپ ۋاكالەتچىلەرگە مۇكاپات تارقىتىش زۆرۈر ھەمدە ئاشكارا سورۇنلاردا تەقدىرلەشكە دىققەت قىلىش كېرەك، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق سىزنىڭ ۋاكالەتچىڭىز بارغانسېرى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە بولۇپ، ۋاكالەتچىلىكتىن كۆپ ھۇزۇرلىنىش، ۋاكالەتچىلىككە كۆپ ئىلھام بېرىش، ۋاكالەتچىنى كۆپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ۋاكالەتچىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز لىتىدۇ.

8. بىر قېتىملىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش، ۋاكالىتەن مال ئېنىقلاپ پۇل تېپىپ ئۆيگە قايتىپ ھېيىت ئۆتكۈزۈشكە ياردەم قىلىش.

يىل ئاخىرىدا نۇرغۇن مىكرو تور سودىگەرلىرى ئالدىراقسانلىق قىلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۆيىدە يەنە بىر مۇنچە مال سېتىلمىدى، بۇ ئۆيىدىكىلەرنىڭ پۇل ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ ھېيىت ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ دېگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا كوللېكتىپ ئەڭ ياخشىسى يېڭى يىلنىڭ ئالدىدا بىر قېتىم مال سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى تەشكىللەپ، سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئارقىلىق ۋاكالىتەن ئىسكىلاتتا ئامانەت قويۇپ، پۇل تېپىپ ئۆيىگە قايتىپ چاغان ئۆتكۈزۈشكە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك. بۇنداق ۋاكالەتچىلەر سىز بىلەن بىللە ئىشلەشكە بارغانسېرى ئىشەنچ باغلايدۇ، ھەم يېڭى يىل ئۆتكۈزگەندە ۋاكالەتچىلەرنىڭ يۈزى يورۇق بولىدۇ، پەخىرلەنگەن ھالدا ئەتراپىمدىكى دوستلارغا: مەن تور سودىگىرى، مەن بۇ يىل قانچىلىك پۇل تاپقاندىمەن،دەپ پەخىرلىنىدۇ،شۇنداقلا مەن ئۆيدە ئولتۇرۇپلا نۇرغۇن پۇل تاپالايمەن دىيىشى مۈمكۈن، شۇڭا يېڭى يىللىق سېتىش پائالىيىتى ئىنتايىن زۆرۈر!

9. بىر قېتىم توردا جۇڭگۇچە تەربىيلەش ئېلىپ بېرىپ، كوللىكتىپنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى مۇقۇملاشتۇرۇش.

ئۇ يىل ئاخىرىغا بارغاندا ۋاكالەتچىلىكتە چېچىلاڭغۇلۇق كېلىپ چىقىدۇ، شىركەتتە ئىشلىسىمۇ ئوخشاش، ئادەم شىركەتنىڭ كۆڭلىدە بولىدۇ، مىكرو دەۋرىدە تېخىمۇ چېچىلاڭغۇلۇق پەيدا بولىدۇ. ۋاكالەتچىنىڭ بىر قەدەر چېچىلاڭغۇ بولۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، توردا بىر قېتىملىق مەركەزلىك ئالاھىدە مەشىق تەشكىللەپ، كوللېكتىپنىڭ ئىرادىسىنى مۇقىملاشتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ۋاكالەتچىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مالنى ئاز  سېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، بۇ ئىنتايىن مۇھىم، بۇ سىزنىڭ ۋاكالەتچىڭىزگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەيدۇ، ۋاكالەتچى سىزنى بارغانسېرى ياخشى كۆرىدۇ.

 يېقىندا نۇرغۇن كوللېكتىپ مېنى ئىزدەپ دەرس زاكاز قىلدى، مەسىلەن :ئۇلار

سىزنىڭ ئەمىلى تەجرىبىڭىزمۇ بار،توردا تەربىيلىسىڭىز تېىىمۇ كاتتا مۇكەممەل ئىش بولىتى دەپ لېكىن مېنىڭ ئۇنچىلا كۆپ ۋاقتىم يوق ، شۇڭا مەن بىلەن ئالدىن كېلىشىپ قويۇشىۇڭلارنى قارشى ئالىمەن، ھا... مەزمۇنى ھەقىقەتەن ئەمەلىي ئىكەن، سىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىمەن، 

سەھىپە يېڭىلىقلىرى

تېخىمۇ كۆپ »

ئۈندىدار سودىسىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك

ئۈندىدار سودىسىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۈندىدار سودىسىنى ياخشى قىلىش

ئۈندىدار سودا كوللېكتىپى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش! كېرەك ! !

ئۈندىدار سودا كوللېكتىپى قانداق تەرەققىي قىلدۇ! ! ! بىرىنچى باسقۇچ، بىز ياۋايىلىق ئۆسۈش مەزگىلى دەپ ئاتايمىز

كوللېكتىۋىزملىق روھنىڭ مۇھىملىقى كوللېكتىپ روھى دېگەن نېمە؟

كوللېكتىۋىزملىق روھنىڭ مۇھىملىقى كوللېكتىپ روھى دېگەن نېمە؟ بىر خىل كوللېكتىپ ئېڭى، كوللېكتىپنىڭ بارلىق ئە

كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىنى قانداق يېتىلدۈرۈش كېرەك؟ )(2-)

团队意识很重要,如何培养团队合作精神? 要做好一件事,就必须要有团队意识,因此培养团队协作精神十分重要。如何培养团队合作精神呢?下面花镇情感小编为大家支招。

كوللېكتىپ روھىنى قانداق بەرپا قىلىش كېرەك؟ )(1-)

كوللېكتىپ روھىنى قانداق بەرپا قىلىش كېرەك؟ 1. كوللېكتىپ روھىنىڭ مەزمۇنى كوللېكتىپ روھى كوللېكتىپ ئەزالىرىن

2-كوللىكتىپ ھەمكارلىق روھى دىگەن نىمە؟ 2-什么是团队合作精神

2-什么是团队合作精神   团bai队合作精神,简单du来说就是大局意识、协作精神和服zhi务精神的dao集中体现。团队合作精神的基础是尊重个人的兴趣和成就。核心是协同合作,最高境界是全体成员的向心力、凝聚力,反映的是个