دۆلەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە «ھۆسنىگۈل»مۇ قىزاردى(رەسىملىك)

4 يىل ئىلگىرى yasinjan چىكىلىشى: 117503

 دۆلەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە «ھۆسنىگۈل»مۇ قىزاردى
2019-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە كۈنى، يىغىپ ئېيتقاندا دۆلىتىمىزنىڭ تۇغۇلغان قۇتلۇق كۈنى. دەل شۇ كۈنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كىشلەر تېلىۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرۈش ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى مول مەزمۇنلۇق خاتىرلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، 70يىللىق شانلىق تەرەققىيات، قىممەتلىك مۇساپە، ئۇلۇغۋار نەتىجىلەرگە تەنتەنە قىلۋاتقان پەيىتتە، ئاقسۇدا قۇرۇلغىلى11 يىلغا يېقىن بولغان شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل» سودا چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ شەھىرىدىكى ھەرقايسى تىجارەت دۇكانلىرىغا 70 دانە دۆلەت بايرىقىنى ئېسىپ، دۇكانلارنىڭ ئىچىنى قىپ-قىزىل رەڭگە چۆمدۈرۋەتتى. بۇ خىل مەنزىرە بىر تەرەپتىن كىشىدە ئىپتىخارلىنىش، ۋەتەندىن پەخىرلىنىش، ۋەتەننى قىزغىن سۈيۈش ھىسىياتىنى ئىپادىلىسە، يەنە بىرتەرەپتىن ھاياجانلىق، رازىمەنلىك، خۇشاللىق كەيپىياتىنى ئىپادىلەيتتى. شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل» سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى ياسىنجان مەمەت شىركەت خادىملىرىغا ئالاھىدە تاپىلاپ مۇنداق دېدى: ياشلار بۈگۈنكى ئالاھىدە خۇشاللىق كۈننى،شۇنداقلا بۈگۈنكى خۇشاللىق،بەختىيار كۈننىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىدىن ئىبارەت قىممەتلىك تارىخنى ھەرگىز ئىسىدىن چىقىرىپ قويماسلىقى،بۈگۈنكى بەختىيار كۈننى ياخشى قەدىرلىشى كېرەك.ھەرقانداق كىشى ئۆزكەسپىنى قەدىرلەپ، ھەربىر ئاددىي ئىشنىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن قىلغاندىلا ئۇلۇغۋار نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، ئاددىي ئىش ئورنىدىمۇ ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى يارىتالايدۇ ھەم شۇنداقلا ئادىمىيلىك قىممىتىنى، ھاياتلىق قىممىتىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرالايدۇ. ياسىنجان ئەپەندىنىڭ سۆزى تۈگىگەندە شىركەت خادىملىرى قىزغىن چاۋاك چېلىپ ياسىنجاننىڭ سۆزىنى تەستىقلىدى. چۈنكى ياسىنجان ئەپەندىنىڭ يۇقارقى سۆزلىرى شىركەت خادىملىرىغا نىسپەتەن يەنە بىر قېتىملىق قىممەتلىك دەرس بولۇپ قالغان ئىدى. شۇ پەيىتتە شىركەت خادىمى نۇربىيە:ئامرىقىم ۋەتەن، سۆيگىنىم ۋەتەن، ئەزىزىم ۋەتەن، بارلىقىم ۋەتەن دىگەن شېئىرنى ئوقۇپ، ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسىياتىنى ئىپادىلىدى. 

سەھىپە يېڭىلىقلىرى

تېخىمۇ كۆپ »

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى»(رەسىملىك)

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى» يېقىندا شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل»سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ياسىنجان ئەپەندى بېيجىڭد

ئەمگەكچىلەر ۋە ياشلار بايرىمىدىكى ھۆسنىگۈل(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا (جۇڭگو گىرىم بۇيۇملىرى سۈپەت گۇۋاھلىقى

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى(رەسىملىك)

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى -قاراڭلار ساخاۋەتچىمىز ھەم گۈزەلللىك ئەلچىمىز يېتىپ كەلدى . 2034-يىل3-ئاينىڭ 6-ك

ئالتۇن زەنجىر ۋە ئىككى مىڭ يۈەن پۇل قايسى لازىم(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇاڭجۇ زېرىنا بىئوپەن-تېخنىكا چەكلىك شىرىتى بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئو

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ ئاز مەبلەق سېلىپ كۆپ پۇل تاپقۇسى بارلارغا مانا قالتىس پۇرسەت كەلدى!شىنجاڭنىڭ

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا«بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا «بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى 2- قوش بايرامدىكى ھال