ھۆسنىگۈل قىزىل بايراقتا يەنە «قىزار»دى(رەسىملىك)

2 يىل ئىلگىرى yasinjan چىكىلىشى: 21368

ھۆسنىگۈل قىزىل بايراقتا يەنە «قىزار»دى

 

  ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ۋە پەن تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ كادىرى ئاۋلىمىتجاننىڭ ئالاھىدە تەكلىپ قىلىشى بىلەن شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى ياسىنجاڭ مەمەت باشچىلىقىدىكى ھال سوراش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش گۇرۇپپىسىدىكىلەر 10-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ۋە پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ « ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مائىل قىلىش» بويىچە ئالاقىلىشش نوقتىسى بولغان ئاقسۇ شەھىرى خۇڭچىپو باشقۇرۇش كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى قىزىل بايراق مەھەللىسىگە بېرىپ، ھال سوراش، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ۋە تور ئالدامچىلىقىدىن ھۇشيار بولۇش ۋە تور ئالدامچىلىقىغا قارشى تۇرۇش توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلەش پائالىيتى ئۆتكۈزدى.   

                  

  ھاۋا سەل سوغوق بولسىمۇ بۇ كۈنى قىزىل بايراق مەھەللىسىدىكى كىشىلەر ناھايتى جۇشقۇن بولۇپ، يىغىن زالىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە ئوتقاشتەك جۇلالانغان 10 دانە دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان ئىدى. تۈۋرۈك ۋە تاملارغا ئېسىلغان قىپ قىزىل 12 دانە قۇت بەلگىسى بىلەن تۇرۇسقا ئېسىلغان 261 دانە پانۇس ھەيۋەتلىك ھەم ئۆزگىچە تۈس ھاسىل قىلغان ئىدى. شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ياسىنجان مەمەت ئەپەندى ئەمىلى مىساللار بىلەن ئۈندىدار تور ئالدامچىلىقى ھەققىدە تىپىك ئەمىلى مىساللارنى بايان قىلىپ قىزىل بايراق مەھەللىسىدىكى ئاممىغا ئىبرەت تەربىيسى ئېلىپ باردى. شۇنداقلا يىغىلغان خانىم قىزلارغا ھۆسنىگۈل ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك گىرىم بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلدى، شۇنداقلا شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۈزەللىك يېتەكچى خادىملىرى، خانىم -قىزلارغا سۈپەتلىك بولغان گىرىم بۇيۇملىرىنى قانداق تاللاش، يۈز تېرىلىرىنى قانداق ئاسراش، قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ۋە تىجەشلىك ھالدا تېرەش ئاسراش مەقسىتىگە يەتكىلى بولدىغانلىقى توغرىسىدا لىكسىيە سۆزلىدى.

ئاخىردا  شىركەت لىدىرى ياسىنجان ئەپەندى گۈزەللىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللنىپ ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار دېھقان ئاياللىرى ئەگەردە  گىرىم قىلىش سەنئىتى، ھۆسۈن تۈزەش كەسپىنى ئۈگەنمەكچى  بولسا  بۇلارھا ھەقسىز ئۈگۈتۈپ قۇيۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردۈرۈپ سۈزىنى ئاياقلاشتۇردى . 

سەھىپە يېڭىلىقلىرى

تېخىمۇ كۆپ »

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى»(رەسىملىك)

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى» يېقىندا شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل»سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ياسىنجان ئەپەندى بېيجىڭد

ئەمگەكچىلەر ۋە ياشلار بايرىمىدىكى ھۆسنىگۈل(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا (جۇڭگو گىرىم بۇيۇملىرى سۈپەت گۇۋاھلىقى

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى(رەسىملىك)

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى -قاراڭلار ساخاۋەتچىمىز ھەم گۈزەلللىك ئەلچىمىز يېتىپ كەلدى . 2034-يىل3-ئاينىڭ 6-ك

ئالتۇن زەنجىر ۋە ئىككى مىڭ يۈەن پۇل قايسى لازىم(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇاڭجۇ زېرىنا بىئوپەن-تېخنىكا چەكلىك شىرىتى بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئو

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ ئاز مەبلەق سېلىپ كۆپ پۇل تاپقۇسى بارلارغا مانا قالتىس پۇرسەت كەلدى!شىنجاڭنىڭ

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا«بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا «بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى 2- قوش بايرامدىكى ھال