46 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ھال سوراش بۇيۇملىرى خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.(رەسىملىك)

2 يىل ئىلگىرى yasinjan چىكىلىشى: 21312

 

ئىككى مېھرى-شەپقەت كارخانىسى ئۈچ كەنتتە مېھرى-شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

46 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ھال سوراش بۇيۇملىرى خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

گېزىتىمىزنىڭ شاياردىن بەرگەن خەۋىرى (سۈرەت-يېزىق مۇخبىرى ئابدۇسالام ئابلىز:  ئاقسۇ يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، ئىككى مېھىر-شەپقەت كارخانىسى مەخسۇس ئاقسۇدىن كەنتىمىزگە كېلىپ ھال سورىدى، بىزگە شۇنچە كۆپ ياخشى نەرسىلەرنى ئېلىپ كەلدى، بىزنى ناھايىتى تەسىرلەندۈردى، يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ رەھبەرلىرى بىزنى بىر كۈنمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىگە رەھمەت، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كارخانىلىرىنىڭ غەمخورلۇقىغا رەھمەت. » ھال سوراش بۇيۇملىرىنى قوبۇل قىلغان قىزىل بايراق بازىرىنىڭ ئىلغار كەنت ئاھالىسى ھەنىپەم ئەبەي ۋە ئايگۈل روزى ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.

5 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ كەسكىن ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ كەنتتە تۇرۇش نۇقتىسى __ شايار ناھىيەسى قىزىلبايراق بازىرىدىكى ئىلغار كەنت، گۈزەل كەنت، ئۆستەڭبويى كەنتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، مېھىر ـ شەپقەت يەتكۈزۈش، ھال سوراش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، شۇ كۈنى ئىككى كارخانا ئۈچ كەنتنىڭ گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىدا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان 210 دېھقانغا ئومۇمىي قىممىتى 46 مىڭ يۈەنلىك گىرىم بۇيۇملىرى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىندۇكسىيىلىك چىراغ تارقىتىپ بەردى.

شىنجاڭ ھۆسنىگۈلسودا چەكلىك شىركىتى ئاقسۇدا ماكانلىشىپ تەرەققىي قىلغان پۇقراۋى كارخانا بولۇپ ،قۇرۇلغان 14 يىلدىن بۇيان، بۇ شىركەت پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ«ھۆسنىگۈل»ماركىلىق گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتى ۋە مەھسۇلات مىقدارىغا كۈچ سەرپ قىلىپ، تىجارەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامغا پائال يۈزلىنىپ، كارخانا ئوبرازىنى تىكلەپ، تونۇلۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئاياللىرىنىڭ«گۈزەللىك قۇرۇلۇشى»غا پائال تۆھپە قوشۇپ، ئاساسىي قاتلامدا كۆپ قېتىم مېھرى – شەپقەت يەتكۈزۈش، ھال سوراش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، بىر مىليوندىن ئارتۇق  ئادەمدىن ھال سوراش بۇيۇمى تارقىتىپ، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ قېتىم بۇ شىركەتنىڭ مەسئۇلى ياسىنجان مەمەت ئۈچ كەنت ئاھالىسىگە 32 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى 150 يۈرۈش«ھۆسنىگۈل» ماركىلىق گىرىم بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى.

شىنجاڭ كەسكىن ئېلېكتىرونلۇق سودا چەكلىك شىركىتى 2021 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، ئاساسلىق تىجارەت كەسپى:

دوۋيىن ئېلېكتىرونلۇق سودىسى، يېڭى تاراتقۇ تىجارەت كەسپى، ھازىرغا قەدەر ئومۇمىي خېرىدار سانى 100 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى. شىركەت مەسئۇلى مەۋلان مەۋلان ئۈچ يىل بۇرۇن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىگىلىك تىكلەش يولىدا ماڭغان ياش. ئۇ 75 چىراغ تارقىتىپ بولغاندىن كېيىن، كەنت ئاھالىلىرىگە يورۇتۇش چىرىغىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرۈش بىلەن بىللە، ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، دېھقانلارغا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى، بولۇپمۇ كەنتتىكى ياشلارنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، پەن ـ تېخنىكىنى كۆپرەك ئىگىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ياشلىق باھارى ئارقىلىق دەۋردىن ئېشىپ كېتىش، ئەمگەك جەريانىدا ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش قىممىتىنى نامايان قىلىپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ياشلىق باھارى ۋە ئەقلى كۈچىنى كۆپرەك نامايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى شۇنداقلا ياشلارنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ ،تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئۈگۈنۈش يوللىرىنى كۆپەيتىپ دۆلەتكە تۆھپە قۇشۇشقا تەۋسىيە قىلدى. 

« قۇياش ئېنېرگىيەلىك ئىندوكسىيەلىك يورۇتۇش چىرىغى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، مەن ئىزچىل بىرنى سېتىۋېلىشنى ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن سېتىۋالالمىدىم، بۈگۈن مېھىر-شەپقەت كارخانىسى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ماڭا ھەقسىز سوۋغا قىلدى، مەن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىن مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مېھىر-شەپقىتىنى قەدىرلەپ، غەمخورلۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ۋە يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىمەن» دېدى گۈزەللى كەنتىدىكى دېھقان پارتىيە ئەزاسى موللا ئەمەت ئەخمەت خۇشال ھالدا.

ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ ئىلغار كەنتتە تۇرۇشلۇق باش يېتەكچىسى، 1- شۇجى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى سۇڭ دۇڭمېي يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى ۋە ئۈچ كەنتكە ۋاكالىتەن ئىككى مېھىر-شەپقەت كارخانىسىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئىككى كارخانا تارقاتقان 46 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ھال سوراش بۇيۇمى ئۈچ كەنت ئاھالىسىگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى. يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بىز بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە ئۇل خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، تاراتقۇلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجتىمائىي كۈچلەر ۋە مېھىر ـ شەپقەت كارخانىلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، ئەلرايىنى ئىللىتىپ، تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، دېھقانلارنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىمىز.

سۈرەتتە: (1) ھال سوراش پائالىيىتى

2) كارخانىچىلار ۋە كەنت ئاھالىلىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى 

 

سەھىپە يېڭىلىقلىرى

تېخىمۇ كۆپ »

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى»(رەسىملىك)

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى» يېقىندا شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل»سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ياسىنجان ئەپەندى بېيجىڭد

ئەمگەكچىلەر ۋە ياشلار بايرىمىدىكى ھۆسنىگۈل(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا (جۇڭگو گىرىم بۇيۇملىرى سۈپەت گۇۋاھلىقى

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى(رەسىملىك)

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى -قاراڭلار ساخاۋەتچىمىز ھەم گۈزەلللىك ئەلچىمىز يېتىپ كەلدى . 2034-يىل3-ئاينىڭ 6-ك

ئالتۇن زەنجىر ۋە ئىككى مىڭ يۈەن پۇل قايسى لازىم(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇاڭجۇ زېرىنا بىئوپەن-تېخنىكا چەكلىك شىرىتى بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئو

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ ئاز مەبلەق سېلىپ كۆپ پۇل تاپقۇسى بارلارغا مانا قالتىس پۇرسەت كەلدى!شىنجاڭنىڭ

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا«بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا «بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى 2- قوش بايرامدىكى ھال