ھازىرقى ئادەملەر كارامەت(رەسىملىك)

1 يىل ئىلگىرى yasinjan چىكىلىشى: 21212

 

ھازىرقى ئادەملەر كارامەت

قەلەمدە:خوجائاكاڭ

دەۋېر تەرەققى قىلىۋاتىدۇ ئادەملەرنىڭ ئېڭى ۋە ئىدىيىسىمۇ دەۋېرنىڭ ئېھتىياجىغا مۇناسىپ ئۆزگۈرۈۋاتىدۇ ،دەۋېر تەرەققى قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئادەملەر ئىدىيىدە دەۋېرگە يىتىشەلمەسلىكتىن ئەنسىرەپمۇ ياكى تېخىمۇ ياخشى ياشاش ئۈچۈن تىرىشىدىغان بولۇپ كەتتى، لېكىن بۇ تىرىشىشلار ،بىرقىسىم ساختىپەزلەرگە ئاجايىپ پۇرسەت ئېلىپ كەلدى،مەسىلەن ھازىر راكنى داۋالايدىغانلار،دىئابىت كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالايدىغانلار،ئۈزى تەڭشىۋالغان ئاللا قانداق دورىلار بىلەن ھەرقانداق دۇنيادىكى دوختۇرلار داۋالىۋېتىدىغانلار،مالارنىڭ كارامەتلىرى ئادەمنى ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ ،بىرقىسىملارنىڭ باشقىلارنى بىرنەچچە كۈندە بېيىتىۋېتىش سەپسەتىلىرىگىغۇ گەپ كەتمەيدۇ ،

ھازىرقى مىدىتسىنا راك،دىئابىت ،تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئالدىدا ئاجىزلىق قىلىۋاتقاندا مالارنىڭ گېپى راس بولۇپ بازارغا سالغان ساغلام يىمەكلىكى راكقا ئۈنۈمى بولغان بولسا بۇ بىچارە بايقۇشلار بۇ كىچىك يەردە ياشارمىدى؟.  مەن  سىلەرگە ئۆز بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى بايان قىلىپ بېرەي ،بىر يېقىنىم مەلۇم بىر ئۈندىدار توپىغا قېتىپ قۇيۇپتۇ ،مەنمۇ بۇ توپتا نىمىلەر سۆزلىنىدىغاندۇ دەپ بىرنەچچە كۈن تۇرۇپقالدىم ،بۇ توپتا بىرنەچچە ئۈزىنى دوختۇر دەپ ئاتىۋالغانلار باركەن دەسلىۋېدە خېلى ياخشى پاراڭلارنى قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى,

3- كۈنىگە بارغاندا قارىسام بىر ساغلاملىق بۇيۇمىنى تۇنۇشتۇرغۇلى تۇردى ئۇ ئاتالمىش دوختۇرنىڭ دىيىشىچە بۇ ساغلاملىق بۇيۇمىنىڭ شۇنداق كارامىتى باركەنكى ھەتتا دوختۇرلار راكنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ توختۇرلار داۋالاشنى توختاتقانلار ئىچىپمۇ ئۈنۈمىنى كۈرۈرۈپتىمىش،راك كېسىلى بىمارىنىڭ كېسىلىدە ياخشىلىنىش بولۇپتىمىش،ما پاراڭلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن چىداپ تۇرالمىدىم چۈنكى مەنمۇ مۇشۇ ساغلاملىق ساھەسىدە يۈرگىلى 15 يىل بولۇپتۇ لېكىن يالغانچىلىقنىڭ ئېغىرلىقىدىن ساغلاملىق بۇيۇملىرى ساتمايمەن لېكىن قىزىقىشىم بار،ما ئاتالمىش دوختۇرنىڭ پارىڭىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مەن ئاتالمىش دوختۇرغا:-ما مەھسۇلاتىڭىز كارامەتكەن دۇنيادا داۋاسى تېپىلمىغان راك كېلىلىگە پايدا قىلغان بولسا كەلگۈسىدە دوختۇرخانىلار تاقىلىپ سىلەردەك دوختۇرلار ئىشسىز قالغىدەكسىلەر.دەپ سۆز قالدۇرسام ھېلىقى ئاتالمىش دوختۇر ،ماڭا سۆز قايتۇرۇپ :-سىز مېنىڭ گېپىمنى خاتا چۈشۈنىۋاپسىز مەن پايدا قىلدى دىمىدىم مەنپىئەت قىلدى دىدىم ،دەيدۇ توپتا تۆت يۈز نەچچە ئادەم باركەن  بىرنەچچىسى ھېلىقى ئاتالمىش دوختۇرنىڭ گېپىنى ياقلاپ مېنى ئەيىپلىگىلى تۇردى ھېلىقى توختۇر ئاخرىغا بېرىپ ماڭا يامان گەپ بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتكۈلى تۇردى مەن بولسام :سىز ئۈزىڭىزنى بىر دوختۇر دەپ ئاتىۋاپسىز  بۇ توپتىكىلەرمۇ ئۇنچىۋالا كاللىسىدىن كېتىپ قالغانلار يوقتۇ ،سىزنىڭ پايدا قىلىدۇ –مەنپىئەت قىلىدۇ دىگىنىڭىزنى ئايرىغىدەك كاللىسى بار ئادەملەرمۇ باردۇ ،سىز ئەگەر راكقا مەن پىئەت قىلغىدەك بىرنەرسە ئىجات قىلغان بولسىڭىز ما يەردە دەرىس سۆزلىمەيتىڭىز،سىز دوختۇرلارغا ئاقارەت قىلىۋاتىسىز، دەپ يېزىپ قويۇپ توپتىن چىكەتتىم .

ھازىر دۇيىندا دىيئابىت كېسىلىنى داۋالايدىغانلار مەخپى رىتسىپلارنى ئېلان قىلىدىغانلار ئاۋۇپ كېتىپ بارىدۇ ،دۇنيا مىتىتسىنا ئالىملىرى ھەل قىلالمىغان ئىشلارنى بىزنىڭ تىۋىپلىرىمىز ساقايتىۋېتىپ بارىدۇ،ما يۈز كېسەلگە بىر رىتسىپ دىگەنلەر تېخىمۇ كارامەت ،بۇ يەردىكى يۈز كېسەلگە ئۇلار ياسىغان بىر خىل دورا مەنپىئەت قىلىدۇ دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ قانداق ؟مېنىڭ ئاڭلىشىمچە خوتەندىكى نۇرغۇن داڭلىق تىۋىپلار دورىسىغا دۆلەت چەكلىگەن نوشا دىگەن دورىنى ئارىلاشتۇرىۋېتىدىكەن ،بۇ نوشا دىگەن دورىنى مەنمۇ يەپ باققان ئاغرىق پەسەيتىش ئۈنىمى ھەقىقەتەن ياخشى لېكىن كۆپ يىيىشكە بولمايدۇ،بۇ تىۋىپلار ئۈزى ياسىۋالغان دورىلىرىغا نوشانى قوشقاندىن كېيىن ئاغرىقلار يەپلا  ئاغرىقلىرى پەسىيىپ قالغاندىن كېيىن ،بىرقىسىملىرى مەقسەتلىك بىرقىسىملىرى مەقسەتسىز ،پالىنى تىۋىپ كارامەتكەن دەپ داۋراڭ قىلىپ ئۇلارنى كۆككە كۈتۈرىۋېتىدۇ ،كېسىلى ساقايدىمۇ ساقايمىدىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كارى يوق ،ئۇنداقتا ما يۈز كېسەلگە بىر رىتسىپ دىگەنلەر نوشادىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتامدۇ قانداق ،ئادەمنى گۈمانلاندۇرماي قالمايدۇ ،ھازىر يالغان پىتنە ئېغۋانىڭ يامىنى يامرىغىلى تۇرۇپتۇ يەنى تاجىسىمان ئۆپكا ياللىغۇغا پالانى پۇكۇنى جۇڭيى دورىسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىچىپ بەرسىڭىز تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغىنىڭ يۇقۇش نىسپىتى 0 بولىدۇ بۇنى ۋۇخەندىكى پالانى دوختۇر تەۋسىيە قىلغان ،ما يالغانچىلىقنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىمۇ قانداق ؟دۆلىتىمىزلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيا كۆڭۈل بۆلۈپ  ۋاكسىنىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بىر كېسەلنى ئاددى رىتسىپلار بىلەن داۋالىغىلى بولسا بۇ يۇقۇم ئاياقلاشقان بولاتتى شۇنداقلا بۇنى ئوتتۇرىغا چىقارغۇچى  دۇنيا  نوبىل مۇكاپاتىنىڭ 1-  نامزاتى بولغان بولاتتى ،بىزمۇ بۇنداق ئۆيگە سۇلىنىپ ئولتۇرمىغان ،دۆلىتىمىزمۇ بۇنچىۋالا غاريەت زور چىقىمنى تارتمىغان بولاتتى ،مانداق پىتنە ئېغۋا تارقاتقۇچىلار قانۇندىن قورۇقمامدىغاندۇ ،قانۇننىڭ جازاسى بۇلارنى  ئاياپ قۇيىۋاتقانمىدۇ يە ؟،

ئالدامچىلار دۆلەت ،قانۇنلىرىنى كۆزگە ئىلماي ،ئاددى ئاۋامنىڭ ئاھۇ- زارى بىلەن كارى بولماي ئالدامچىلىق- ساختىپەزلىك قىلىپ تاپقان پۇللىرىنى خاتىرجەم خەجلىيەلەمدىغاندۇ ،مەن ھەرقېتىم مۇشۇنداق ساختىپەزلەرگە يۇلۇققاندا ئۇلارنى تۇسۇپ باقىمەن لېكىن ئەيىپلەشكە ئۇچراپ كېلىۋاتىمەن چۈنكى بۇ ئالدامچىلار قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرىمىغىچە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە بىز باشقىلار پۇل تېپىپكەتسە  كۈرەلمىگەنلەر،باشقىلارغا يىتىشەلمىگەنلەر بولۇپ سانىلىدىكەنمىز،

بۇلار ئۆزلىرى ئالدانغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن بولسا ،بۇرۇنراق ئەسكەرتىپ قويساڭلار بولماسمىدى دىيىشى بار.ھازىر نۇرغۇن يېڭىلىق ئالدامچىلىق ئۇسۇللۇرى ،يېڭىلىق قانۇنسىز شاخلىىتىپ ساتقۇچىلار ،ھەرخىل ئادەم ئالدايدىغان پىڭتەيلەر ئىچكىرىدە بازىرى بولماي تاۋكاسىنى شىنجاڭ رايۇنىغا يۆتكەپ كېلىۋاتىدۇ،ئىچكىرىدە تۇمشىقىغا يېۋالغان بۇ قانۇنسىز سودا ئەندىزىلىرى رايۇنىمىزدىكى مەدىنىيەت ئىقتىسات ئارقىدا قالغان ئاددى ئادەملەر  ئۈچۈن ھېلىقى نۇمۇسنى بىلمەيدىغان بىرقىسىم پۇلغا ۋىجدانى بىلەن غۇرۇرىنى قۇشۇپ تىگىشىۋەتكەن  ئاتالمىش مۇئەللىملەرنىڭ كاللا يۇيۇپ بېرىشى بىلەن  ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقى بازار تاپماقتا،بۇ بىر توپ ئاددى ئاۋام ئۆزلىرى ئۈچۈن  يېڭى بىر بېيىش يولى ئېچىلغاندەك ئۈمۈتكە تولۇپ بارىنى بۇلارنىڭ تاۋكاسىغا تاشلىماقتا ،ھۆكىمىتىمىز ۋە قانۇن ئورگانلىرىمىز بۇلارنى تۇسۇپ ،ئەسكەرتىپ تۇرسىمۇ بۇنىڭ ئۈنىمى كۈرىنەرلىك بولمايۋاتقاندەك قىلىدۇ .

سەھىپە يېڭىلىقلىرى

تېخىمۇ كۆپ »

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى»(رەسىملىك)

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى» يېقىندا شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل»سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ياسىنجان ئەپەندى بېيجىڭد

ئەمگەكچىلەر ۋە ياشلار بايرىمىدىكى ھۆسنىگۈل(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا (جۇڭگو گىرىم بۇيۇملىرى سۈپەت گۇۋاھلىقى

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى(رەسىملىك)

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى -قاراڭلار ساخاۋەتچىمىز ھەم گۈزەلللىك ئەلچىمىز يېتىپ كەلدى . 2034-يىل3-ئاينىڭ 6-ك

ئالتۇن زەنجىر ۋە ئىككى مىڭ يۈەن پۇل قايسى لازىم(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇاڭجۇ زېرىنا بىئوپەن-تېخنىكا چەكلىك شىرىتى بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئو

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ ئاز مەبلەق سېلىپ كۆپ پۇل تاپقۇسى بارلارغا مانا قالتىس پۇرسەت كەلدى!شىنجاڭنىڭ

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا«بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا «بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى 2- قوش بايرامدىكى ھال