شېرى چاچما چاقچاق

1 يىل ئىلگىرى yasinjan چىكىلىشى: 123617

 ئولتۇرۇپتۇ ياسىنجان -ئىبراھىمجان گاڭ بىلەن 

چاي ئىچىشىپ- سىردىشىپ قىزىقارلىق پاراڭ گەپ بىلەن

چۈشىۋاپتۇ سۆرەتكە چولپان بىلەن ئولتۇرۇپ

دەپتۇ پۇتۇن دۇنياغا كېتەي ئەمدى تۇنۇلۇپ

                  ئولتۇرۇپتۇ ئۈستەلدە ئىككى ئاداش ياندىشىپ

                  ئولتۇرۇپتۇ يىلىمدەك بىر بىرىگە چاپلىشىپ

                 ئۆز ئۆزىنى داڭلىشىپ،مەشھۇرلۇقنى تالىشىپ

                بۇ ئىككىسى قاچاندىن«ئاپاق-چاپاق»بولغاندۇ

                 نە مەقسەتكە يەتمەكچى«ئېغىز-بۇرۇن »؟!

بىرسى پۇلدار شىركەتچى،بىرى گەپكە يامان قىزىقچى

ئىككى دوستەك بىرلىشىپ قانداق پايدا تاپماقچى؟

ياسىن ساتسا گىرىمنى ئىبراھىمجان ئالامدۇ

ئىبراھىمنىڭ پىلانى:ياسىنجانغا گەپ ساتماقچى!

           ياسىنجاننى ئىزدىسەك «ھۆسنىگۈل» دە يۈرىيدۇ

          ئېلان بېرىپ ھەركۈنى پايدا كۆزلەپ يۈرىيدۇ

         چارچىغاندا داچىدا-كاۋا ئىزلەپ يۈرىدۇ

       كاۋا ئۈزۈپ ،مانتا يەپ ھۇزۇرىنى سۈرەمىش

  ياسىنجاندىن سورىساڭ مەھسۇلاتىم جىڭ دەيدۇ

«سودا سېتىق قىلغاندا بولغىن پۇختا جىڭ» دەيدۇ

پۇلنىڭ گېپى بولسىلا قۇلاقلىرى دىڭ دەيدۇ 

چۈشىدىمۇ پۇل كۈرۈپ،ئالان سۆزلەپ يۈرەمىش

                  ياسىن ساغلام ياشايدەپ تاماقنى ئاز يەيدىكەن

                 ئۇرۇقلاشقا شىپادەپ ئۈچۋاق كاۋاپ يەيدىكەن

                 ۋاقتى ئۆتكەن گىرىمنى زىيان بولدى دەيدىكەن

                 كۆزى قىيماي تاشلاشقا ئاھ يۈرۈكۈم دەيدىكەن 

ئامان بولساق بىزيەنە ئۇچۇرىنى بىلەرمىز

ياكى دۇيىن-ئېكراندافىلىمىنى كۈرەمىز

يازدا بىللە چايئىچىپ ،چاقچاقلىشىپ كۈلەرمىز

ياسىن بىلەن ئىبراھىم ۋېيشىنتالىشىپ يۈرەمىز

        تۇردىمۇ گەر قېتىلسائىككىسىنىڭ قېتىغا

        ياقامدىكى مىجەزىم ئۇلارنىڭخۇي-دىتىغا

       «چاقچاق قىلدىم»دەپ يۈرۈپ تىگىپ قويدۇم زىتىغا

       ئاڭلىشىمچە ئىككىسى مېنى تىللاپ يۈرەمىش

 

سەھىپە يېڭىلىقلىرى

تېخىمۇ كۆپ »

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى»(رەسىملىك)

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى» يېقىندا شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل»سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ياسىنجان ئەپەندى بېيجىڭد

ئەمگەكچىلەر ۋە ياشلار بايرىمىدىكى ھۆسنىگۈل(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا (جۇڭگو گىرىم بۇيۇملىرى سۈپەت گۇۋاھلىقى

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى(رەسىملىك)

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى -قاراڭلار ساخاۋەتچىمىز ھەم گۈزەلللىك ئەلچىمىز يېتىپ كەلدى . 2034-يىل3-ئاينىڭ 6-ك

ئالتۇن زەنجىر ۋە ئىككى مىڭ يۈەن پۇل قايسى لازىم(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇاڭجۇ زېرىنا بىئوپەن-تېخنىكا چەكلىك شىرىتى بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئو

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ ئاز مەبلەق سېلىپ كۆپ پۇل تاپقۇسى بارلارغا مانا قالتىس پۇرسەت كەلدى!شىنجاڭنىڭ

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا«بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا «بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى 2- قوش بايرامدىكى ھال