« ھۆسنىگۈل » يەنە « خۇش پۇراق » چاچتى(رەسىملىك)

5 يىل ئىلگىرى ablatjan چىكىلىشى: 36572

« ئاقسۇ گېزىتى » مۇخبىرى ئوسمانجان ئىسمائىل خەۋەر قىلدۇ:5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى شىنجاڭ « ھۆسنىگۈل » سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ياسىنجان مەمەت تولىمۇ ئالدىراش ئۆتتى. شۇكۈنى ئۇ « ‹ ھۆسنىگۈل › مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش ئەترىتى »نىڭ ئەزالىرىنى باشلاپ 130كىلومېتىر يول يۈرۈپ بىڭتۈەن يېزا - ئىگىلىك 1- دىۋىزىيەسىنىڭ ئالار شەھىرىگە جايلاشقان « تارىم گېزىتى » ئىدارىسىدىكى 25 نەپەر ئاخبارات خىزمەتچىلىرىدىن 3000 يۈەن قىممتىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن ھال سوراپ ئىللىقلىق يەتكۈزدى.ھال سوراش داۋامىدا ياسىنجان مەمەت مۇنداق دېدى :پارتىيە گېزىتى پارتىيەنىڭ ئاۋازى بۇلۇشتەك ئالاھىدە رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسەت، فاڭجېن، تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەڭ خەلىق ئاممىسىغا يەتكۈزۈپ،جەمىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، ئىقدىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە خەلىق ئاممىسىنىڭ سىياسىي ساپا، پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش، مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيتىشتا مۇھىم رولىنى جارىي قىلدۇرۇپ كەلدى.ىسىلەر ئاخبارات خىزمەتچىلىرىمۇ ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي،  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يولىدا جاپالىق خىزمەت قىلۋاتسىلەر، شۇڭا سىلەرگە چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.« تارىم گېزىتى » تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۇچىن كۆپچىلىككە ۋاكالتەن سۆز قىلغاندا، ياسىنجاننىڭ مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىنى قەدىرلەپ، خانىم - قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنىپ، « مەملىكەت بۇيچە ئۈچ ئا دەرىجىلىك ئىشەنچىلىك كارخانا » قاتارلىق نۇرغۇن شان - شەرەپكە ئېرىشكەنلىكى ۋە خەيىر - ساخاۋەت ئىشلىرىغا قىزغىن ئىشتىراك قىلىپ، ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى نۇرغۇن دېھقانلار،تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار كىشلەر، ئاساسىي قاتلامدا جاپالىق ئىشلەۋاتقان ھەر مىللەت كادىر، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۋاتقانلىقىدەك ئالىيجاناپ پەزىلىتىگە ئاپىرىن ئوقۇدى.ياسىنجان مەمەت شۇكۈنى چۈشتىن كېيىن ئاقسۇ شەھىرى دولان تەۋەلىك رايۇنىنى باشقۇرۇش كومېتېتىنىڭ نۇرباغ مەھەللىسىگە بېرىپ، ئاقسۇ شەھەرلىك ئاممىۋى مۇلازىمەت مەركىزىدىن « ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش » بۇيچە نۇرباغ مەھەللىسىگە چۈشكەن خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار، مەھەللە كومېتېتىدىكى كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىلەردىن بۇلۇپ 30 نەپەر كىشىدىن 3500 يۈەن قىممتىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن ھال سوراپ،ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقدىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىگە رەھمەت ئېيتتى.  

 

سەھىپە يېڭىلىقلىرى

تېخىمۇ كۆپ »

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى»(رەسىملىك)

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى» يېقىندا شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل»سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ياسىنجان ئەپەندى بېيجىڭد

ئەمگەكچىلەر ۋە ياشلار بايرىمىدىكى ھۆسنىگۈل(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا (جۇڭگو گىرىم بۇيۇملىرى سۈپەت گۇۋاھلىقى

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى(رەسىملىك)

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى -قاراڭلار ساخاۋەتچىمىز ھەم گۈزەلللىك ئەلچىمىز يېتىپ كەلدى . 2034-يىل3-ئاينىڭ 6-ك

ئالتۇن زەنجىر ۋە ئىككى مىڭ يۈەن پۇل قايسى لازىم(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇاڭجۇ زېرىنا بىئوپەن-تېخنىكا چەكلىك شىرىتى بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئو

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ ئاز مەبلەق سېلىپ كۆپ پۇل تاپقۇسى بارلارغا مانا قالتىس پۇرسەت كەلدى!شىنجاڭنىڭ

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا«بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا «بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى 2- قوش بايرامدىكى ھال