« ھۆسنىگۈل » بىركۈندە ئەھمىيەتلىك ئىشتىن ئۈچنى قىلدى.(رەسىملىك)

5 يىل ئىلگىرى ablatjan چىكىلىشى: 44790

 باش ئىشخانىسى ئاقسۇ شەھىرىگە جايلاشقان شىنجاڭ « ھۆسنىگۈل » سودا چەكلىك شىركىتىدىكى خادىملار 5 - ئاينىڭ 12- كۈنىنى تولىمۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە  مەنىلىك ئۆتكۈزدى. شۇ كۈنى شىركەت خادىملىرى مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ « ماركىس تۇغۇلغانلىقىنىڭ 200 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنىدا قىلغان سۆزى »نىڭ روھىنى ئۆگەندى.

 

ئۆگۈنۈش داۋامىدا خادىملار بىردەك دۇنيا پىرولتارىياتچىلىرى ۋە ئەمگەكچى خەلىقنىڭ ئىنقىلاۋى ئۇستازى،ماركىسىزىمنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى، ماركىسىزىملىق سىياسىي پارتىيەگە ئاساس سالغۇچى ۋە خەلىقئارا ئېنتىرناتىسيونالىزىمنى بەرپا قىلغۇچى، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ئۇلۇغ مۇتەپەككۇر - ماركىسنىڭ كۆڭلىگە يۈكسەك غايىنى پۈكۈپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلغان، جاپا - مۇشاققەت، خەۋىپ - خەتەردىن قورقماي، ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدەنگەن، ئىدىيەنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە جاسارەت بىلەن ئۆرلىگەن، كونا دۇنيانى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، يېڭى دۇنيانى قۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز جەڭ قىلغان شانلىق ھاياتىغا ئاپىرىن ئوقۇدى.

 

 

ئىنسانىيەتنىڭ بۇئۇلۇغ مۇتەپەككۇرىغا ئېھتىرام بىلدۈردى.ماركىسنىڭ تەلىماتىدىن ھېلىھەم كۆزنى قاماشتۇرىدىغان ھەقىقەت نۇرىنىڭ چاقناپ تۇرىدىغانلىقىنى، ماركىسىزىمنىڭ جۇڭگونى داغدام يولدا مېڭىشقا مۇۋەپپىقىيەتلىك يېتەكلىگەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتى.ماركىسىزىمنىڭ ئىلىمىي ئەقىل - پاراسىتى ۋە نەزەرىيە كۈچىنى ئۈزلۈكسىز قۇبۇل قىلىپ، پارتىيەگە مىنەددارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت« ۋەتەن ئارزۇسى »نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا مۇستەھكەم ئىرادە باغلىدى.

 

 

شۇكۈنى شىركەت خادىملىرى يەنە ۋېنچۈەندە يەر تەۋرىگەنلىكىنىڭ 10يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاپەتكە ئۇچىرغان قېرىنداشلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى.

 

چۈشتىن كېيىن شىركەت دېرىكتورى ياسىنجان مەمەت ئاقسۇ شەھىرىدىكى « ئاجايىپ » ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، 25 نەپەر سېستىرادىن « ھۆسنىگۈل » ماركىسىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن ھال سوراپ، سېستىرالارنىڭ 107- قېتىملىق بايرىمىنى تەبرىكلىدى.سۈرەتتە: پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈش.« ئاقسۇ گېزىتى » مۇخبىرى ئوسمانجان ئىسمائىل خەۋىرى

 

سەھىپە يېڭىلىقلىرى

تېخىمۇ كۆپ »

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى»(رەسىملىك)

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى» يېقىندا شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل»سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ياسىنجان ئەپەندى بېيجىڭد

ئەمگەكچىلەر ۋە ياشلار بايرىمىدىكى ھۆسنىگۈل(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا (جۇڭگو گىرىم بۇيۇملىرى سۈپەت گۇۋاھلىقى

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى(رەسىملىك)

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى -قاراڭلار ساخاۋەتچىمىز ھەم گۈزەلللىك ئەلچىمىز يېتىپ كەلدى . 2034-يىل3-ئاينىڭ 6-ك

ئالتۇن زەنجىر ۋە ئىككى مىڭ يۈەن پۇل قايسى لازىم(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇاڭجۇ زېرىنا بىئوپەن-تېخنىكا چەكلىك شىرىتى بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئو

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ ئاز مەبلەق سېلىپ كۆپ پۇل تاپقۇسى بارلارغا مانا قالتىس پۇرسەت كەلدى!شىنجاڭنىڭ

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا«بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا «بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى 2- قوش بايرامدىكى ھال