«ھۆسنىگۈل» شىركىتى «8 –مارت» خەلىقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 109 يىللىقىنى كەڭ– كۆلەمدە تەبرى

5 يىل ئىلگىرى gulbostan چىكىلىشى: 68427

«ھۆسنىگۈل» شىركىتى «8 –مارت» خەلىقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 109 يىللىقىنى كەڭ–كۆلەمدە تەبرىكلىدى

بۇ يىل «8 – مارت» خەلىقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنىڭ 109يىللىقى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن گۈزەللىك ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن كارخانا، ئاقسۇ دىيارىغا جايلاشقان شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل» سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە خىزمەتچى خادىملىرى تەلەپكە ئاساسەن ئاقسۇ شەھرىنىڭ بىر قىسىم يېزا (بازار)لىرى، كەنىت، مەھەللىلەر ۋە «ئۈچ ئەل»خىزمەت ئەتىرەتلىرىگە بېرىپ، گۈزەللىكنى سۆيگۈچى خانىم – قىزلاردىن بايراملىق ھال سورىدى. 3–ئاينىڭ 7–كۈنى «ھۆسنىگۈل» شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ياسىنجان مەمەت ۋە شىركەتنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ توپلۇق يېزىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ،60 نەپەر خانىم – قىزلاردىن 9200 يۈەن قىممىتىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن ھال سورىدى.يېزا باشلىقى ئېلى رۇستەم قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە 2000 غا يېقىن ئايال پائالىيەتكە قاتناشتى. 

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن يەنە شىركەت مەسئۇلى بىلەن شىركەتتىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاقسۇ شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ « ئەل رايىنى بىلىش،ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش،ئەلنى مايىل قىلىش » بۇيىچە ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان قۇمتام تەۋەلىك رايۇنىنى باشقۇرۇش كومېتېتىنىڭ ساقتى مەھەللىسىگە بېرىپ،مەھەللە رەھبەرلىرى،خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار ۋە ھەرمىللەت قىز – ئاياللىرىدىن بۇلۇپ،50 نەپەر كىشىدىن 6000 يۈەن قىممىتىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن ھال سورىدى. 

3 –ئاينىڭ 8 – كۈنى شىركەت مەسئۇلى ياسىنجان مەمەت بىلەن ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ « ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش،ئەلنى مايىل قىلىش »بۇيىچە ئالاقىلىشىش نۇقتىسى بولغان بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ تۆۋەنكى گىرشىم ئېرىق كەنتىگە بېرىپ، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار، كەنىت كادىرلىرى ۋە ئىلغار دېھقان ئاياللىرىدىن بۇلۇپ،65 كىشىدىن 9500 يۈەن قىممىتىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن ھال سورىدى.ۋىلايەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋېن شۇجىسى،رەئىسى خالىدەم رۇزى ۋە بەشتۈگمەن يېزىسىنىڭ ئاياللار خىزمىتىگە مەسئۇل رەھبەرلىرى ۋە 500 يۈزدىن ئارتۇق ئامما پائالىيەتكە قاتناشتى. 

 

2019-يىلى3-ئاينىڭ6-كۈنى ھۆسنىگۈل شىركىتىنىڭ كورلا تارماق شىركىتىدىكى خادىملار كورلا شەھەرلىك ئىتىپاق كوچا ئىش باشقارمىسى  يۇڭئەن ئاھالىلەر كومىتىتى (库尔勒市团结街道永安社区)دىكى ئىلغار ئاياللار ،مېھرىبان ئانىلار ۋە ئاھالە كومىتىدىكى ئىلغار  خىزمەتچىلەر بولۇپ 80 ئايالدىن 8700يۈەنلىك مەھسۇلات بىلەن 109قېتىملىق خەلقارا ئاياللار بايرىمىلىق ھال سورىدى. 

سەھىپە يېڭىلىقلىرى

تېخىمۇ كۆپ »

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى»(رەسىملىك)

«ھۆسنىگۈل»قوش «پورەكلىدى» يېقىندا شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل»سوداچەكلىك شىركىتىنىڭ لىدىرى ياسىنجان ئەپەندى بېيجىڭد

ئەمگەكچىلەر ۋە ياشلار بايرىمىدىكى ھۆسنىگۈل(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىككىنچى قېتىم بىرلا ۋاقىتتا (جۇڭگو گىرىم بۇيۇملىرى سۈپەت گۇۋاھلىقى

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى(رەسىملىك)

ئازاتلىق مەھەللىسى قايناپ كەتتى -قاراڭلار ساخاۋەتچىمىز ھەم گۈزەلللىك ئەلچىمىز يېتىپ كەلدى . 2034-يىل3-ئاينىڭ 6-ك

ئالتۇن زەنجىر ۋە ئىككى مىڭ يۈەن پۇل قايسى لازىم(رەسىملىك)

شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ گۇاڭجۇ زېرىنا بىئوپەن-تېخنىكا چەكلىك شىرىتى بىلەن سودا ھەمكارلىقى ئو

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ پۇل تاپقۇڭىز بارمۇ؟

داڭلىق ماركىغا ۋاكالەتچى بولۇپ ئاز مەبلەق سېلىپ كۆپ پۇل تاپقۇسى بارلارغا مانا قالتىس پۇرسەت كەلدى!شىنجاڭنىڭ

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا«بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى

«ھۆسنىگۈل» 75 يۈەن قىممىتىدىكى مەھسۇلاتنى مۇھىت ئاسرۇغۇچىلارغا «بىكارلىق»بېرىۋەتمەكچى 2- قوش بايرامدىكى ھال