«ھۆسنىگۈل» ئون ياشقا كىردى(رەسىملىك)

5 يىل ئىلگىرى admin چىكىلىشى: 63741

  «ھۆسنىگۈل» ماركىسى شىنجاڭ خەلقىگە يات ئەمەس، بۇ كارخانا شىنجاڭدىكى گىرىمچىلىك ساھەسىگە قەدەم قويغان كارخانىلار ئىچىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانا بولۇپ، ئون باھار، ئون ياز، ئون قەھرىتان قىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭ بازىرىدا تېخىمۇ تاۋلىنىپ، تېخىمۇ مۇكەممەللىشىپ، تېخىمۇ تاكامۇللاشتى. ئەڭ مۇھىمى خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ، خانىم-قىزلارنىڭ ئايرىلماس دوستىغا ئايلاندى.

  ھەممە جاي مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن، گۈللەر ھۆپپىدە ئېچىلىپ، پۈتۈن خەلق دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 69 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان، مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىدە ئىسلاھات ئىچىۋېتىلگەن 40 يىلدىن بۇيانقى قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلەر ۋە تەرەققىياتلار نامايان قىلىنىپ، كېچىلەر چىرايلىق چىراغ نۇرلىرىدا تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىۋاتقان ئۇشبۇ خەيرلىك دەملەردە، شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل» سودا چەكلىك شىركىتى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋاكالەتچىلىرىنى ئۈرۈمچىگە جەم قىلىپ، كاتتا داستىخان سېلىپ ئون يىللىق قۇتلۇق تويىنى تەبرىكلىدى. «ھۆسنىگۈل»نىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ «چايخانا پاراڭلىرى»غا قاتنىشىپ، ئون يىلدىن بۇيانقى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەم نەتىجىلىرىنى پۈتكۈل شىنجاڭ خەلقىگە نامايان قىلدى. 9-، 10-ئۆكتەبىر ئىككى كۈن نەچچە يىلدىن بۇيان «ھۆسنىگۈل»گە ئەگەشكەن ۋاكالەتچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، بەھۇزۇر پاراڭلاشتى، باش شىركەت لىدىرىدىن «ھۆسنىگۈل»نىڭ كەلگۈسى پىلانلىرىنى ئاڭلاپ شىركەتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشتى.

  شىركەت قۇرغۇچىسى ياسىنجان مەمەت 2006-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە گۇاڭجوۋ بەييۈن كەسپىي مەكتىپىنىڭ چاچ ياساش، ھۆسن تۈزەش كەسپىدە ئوقۇش جەريانىدا، ياسىنىش _ ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ھەم بۇرچى ئىكەنلىكىنى، ياسىنىشنىڭ ھەرگىزمۇ باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىگە تېخىمۇ ياخشى بىر روھىي ھالاتنى بېرىش، مۇشۇ روھى ھالەت بىلەن ئەتراپىغا گۈزەللىك تارىتىش، ئۆزىنى نەپىس ھەم گۈزەل تۇتۇش كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىپ، شىنجاڭدىكى خانىم-قىزلارنىڭ ئىنتايىن گۈزەللىكى، لېكىن شىنجاڭنىڭ ھاۋا كىلىماتى قۇرغاق، ئۆزگىرىشچان بولغاچقا ئۇلارنىڭ گۈزەل تېرىلىرىگە نۇقسان يېتىپ، بالدۇرلا قورۇق چۈشۈپ قېرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئىچى ئىيچىشتى. ئۇ شىنجاڭنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان، مۇۋاپىق باھا، يۇقىرى ئۆلچەمدىكى سۈپەتلىك گىرىم بۇيۇملىرىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن نەچچە يىل ئىزدىنىپ، تىرىشىش ئارقىلىق گۈل چىراي خانىم-قىزلارغا ماس گىرىم بۇيۇملىرىنى تەتقىق قىلدى. 2008-يىلى «ھۆسنىگۈل» ماركىسىنى ئەنگە ئالغۇزۇپ، ئۆز ماركىسىدا ئۆز خاسلىقىنى نامايان قىلغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە گىرىم بۇيۇملىرىنى بازارغا سالدى. بۇ شىركەت ئۇزاققا بارمايلا سودىدىكى سەمىمىيلىكى ۋە ئادىللىقى بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تىجارەتچىلەرنىڭ قايىللىقىغا، مايىللىقىغا ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. ئون يىل مابەينىدە شىنجاڭدا ھەر خىل ماركىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن بولسىمۇ، «ھۆسنىگۈل»نىڭ ۋاكالەتچىلىرى ۋە خېرىدارلىرى كۆپەيسە كۆپەيدىكى، بىرمۇ ۋاكالەتچىسى سەپتىن چۈشۈپ قالمىدى.

  خەلقتىن ئېلىپ خەلققە قايتۇرۇشنى ئاساسىي تىجارەت سودا ئەندىزىسى، ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۆزىنىڭ شوئارى قىلغان شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل» سودا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغان ئون يىلدىن بۇيان، شىركەت لىدىرى ياسىنجان ئەپەندىم شىنجاڭدىكى خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاپ، گىرىمچىلىك ساھەسىدە ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ ھاۋا كىلىماتى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى خانىم-قىزلارنىڭ يۈز تېرىسىگە ماس كېلىدىغان، جاھىل خاراكتېرلىك تېرە كېسەللىكلىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن ساقايتىدىغان تېرە داۋالاش، تېرە ئاسراش، تېرە گۈزەللەشتۈرۈش، قېرىلىقنى كېچىكتۈرۈش، چاچ ئاسراش تىپىدىكى ھەر خىل گىرىم ۋە تازلىق بۇيۇملىرىنى بازارغا سېلىپ، ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﻧﯩﻢ – ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯﻩﻟﻠﯩﻚ، ئىستېتىك ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻣﺎﺱ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﻪﺕ، ﺋﻪﻻ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ، ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ھەم ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولۇپ كەلدى. شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل» سودا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلغان ئون يىل مابەينىدە، گىرىمچىلىك ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن بايراقدار كارخانا، بىر قانچە ئالىي مەكتەپنىڭ پىراكتىكا بازىسى بولدى. شىركەت لىدىرى ياسىنجان ئەپەندى جۇڭگودىكى ئون مۇنەۋۋەر مىللىي كارخانىچى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. گۇاڭجوۋ جۇجىڭشى زاۋۇتىنىڭ تەكلىپلىك سودا يېتەكچىسى ۋە بىر نەچچە ئالىي مەكتەپنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى، ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ مەسلىھەت يېتەكچىسى، شۇنداقلا شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل» سودا چەكلىك شىركىتى ۋە گۇاڭجوۋ ئۆتكۈر يۇقىرى پەن-تېخنىكا شىركىتى قاتارلىقلارنىڭ باش لىدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ شىركەت قۇرۇش جەريانىدا ئۆزىگە ئۈزلۈكسىز ئېنېرگىيە تولۇقلاپ تۇردى. شاڭخەي فۇدەن داشۆسىدە ئوقۇپ بىلىم ئاشۇردى. 2016-يىلىدىن تاھازىرغىچە شانئال كارخانىچىلارنى تەربىيەلەش مەكتىپى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىشىپ ئاچقان لىدىر تەربىيەلەش سىنىپىدا بىلىم ئاشۇرۋاتىدۇ.

  ياسىنجان ئەپەندى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىغا قاراتقان ياخشى سىياسەت فاڭجىنلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاپا-مۇشەققەت بىلەن «ھۆسنىگۈل» ماركىسىنى تونۇتتى، يول تاپتى، پۇل تاپتى، لېكىن ئۇ ئەتراپتىكىلەرنى، مېھىر-مۇھەببەتكە، ياردەمگە موھتاج كىشىلەرنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىكى بىر قىسىم چىقىش يولى تاپالمىغان، ھەر خىل قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ غەمگۇزارىغا ئايلاندى. بۇ شىركەت ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىشسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىگە يېقىندىن ھەمدەمدە بولۇپ، ئاقسۇ شەھىرىدە زاۋۇت قۇرۇپ ئالىي مەكتەپ پۈتكۈزگەن ھەم ئىش كۈتۈپ تۇرغان نۇرغۇن ياشلارنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. باش شىركەتنى ئاقسۇغا قۇرۇپ، ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر،خوتەن قاتارلىق جايلارغا تارماق شىركەت قۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار نۇرغۇن ياشلارغا مەبلەغ سېلىپ بېرىپ «ھۆسنىگۈل» ئارقىلىق چىقىش يولى تېپىپ بەردى. شىركەت خەير-ساخاۋەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يىلدا مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئائىلىسىدە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى. ئەتراپىدىكى مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرىدىن ھەر پەسىلدە ھال سوراپ تۇردى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «ئۈچ ئەل خىزمىتى»نى يېقىندىن قوللاپ، يىلدا مىليوندىن ئارتۇق قىممەتتىكى گىرىم بۇيۇملىرى بىلەن يېزا-قىشلاقلاردىكى نۇرغۇن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا بېرىپ، شۇ يېزىدىكى خانىم-قىزلارغا «گۈزەللىك قۇرۇلۇشى»توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ، ئۇلارغا «ھۆسنىگۈل» ماركىسىدىكى گىرىم بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ گۈزەللىك قارىشىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

  ﭘﯘﻟﻰ ﻳﻮﻗﻼﺭ ياسىنجان ئەپەندىمنىڭ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ۋە ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﻟﻐﺎ، ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﯓ ﻣﯘﮪﯩﻤﻰ، ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻨﻰ، ﺋﻮﻗﯘﺷﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ، ﺩﻩﭖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ.

بۇ شىركەت ھەرقايسى جايلاردىكى ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە يېقىن كەلگۈسىدە

2017-يىلى شىنجاڭ «ھۆسنىگۈل» سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپ بازارغا سالغان مەھسۇلاتى 190 خىلغا، ئەمەلىي دۇكان ئاچىدىغان ۋاكالەتچى 200گە، تور سودىسى قىلىدىغان ۋاكالەتچى 3000غا، شىركەتتە مۇقىم ئىشلەيدىغان ئىشچى-خىزمەتچى 150گە يەتتى. «ھۆسنىگۈل» ماركىسىدىكى گىرىم بۇيۇملىرى شىنجاڭدىكى خانىم-قىزلارنىڭلا ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ قالماستىن، ئىچكىرى ئۆلكە ۋە چەت ئەللەردىكى خانىم- قىزلارنىڭمۇ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتى. ياسىنجان ئەپەندى باش شۇجى شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئوتتۇرغا قويغان 2020-يىلىغىچە شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلارنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىپ تاشلاش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىغا يېقىندىن ئاۋاز قوشۇش مەقسىتىدە يېقىن كەلگۈسىدە زاۋۇتىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، كەسپىي خادىملارنى تېخىمۇ كۆپ تەربىيەلەپ، «ھۆسنىگۈل» ماركىسىدىكى بارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز دىيارىمىز، ئۆز قولىمىزدا ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق نۇرغۇن ياشلارنى تەربىيەلەپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىن ئېتىش ئۈچۈن جىددىي تۇتۇش قىلماقتا.

سەھىپە يېڭىلىقلىرى

تېخىمۇ كۆپ »

قوللاشتىن كەلگەن شان -شەرەپلەر(رەسىملىك)

قوللاشتىن كەلگەن شان -شەرەپلەر شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى 2008-يىلى قۇرۇلغاندىن بويان گۈلزەللىكنى سۆ

«ۋاڭخۇڭ» دۇكان (دۇيىن،كۇەيشۇ ۋە توردا) مودا بولغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش ھەمكارلىقى

«ۋاڭخۇڭ» دۇكان (دۇيىن،كۇەيشۇ ۋە توردا) مودا بولغان مەھسۇلاتلارنى سېتىش ھەمكارلىقى تور سودىسى بىلەن ئەمىلى دۇ

تەلەپلەر بويىچە 11+11 دىكى «بازار چاققاننىڭ »پائالىيىتى باشلاندى

قوش 11+11«بازار چاققاننىڭ»پائالىيىتى باشلاندى ھەر ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن گۇ

«ھۆسنىگۈل»ئۇقۇتقۇچىلار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!(رەسىملىك)

«ھۆسنىگۈل»ئۇقۇتقۇچىلار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز! شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىدىكى بارلىق ئىشچ

ئەڭ ئاخىرقى «بازار چاققاننىڭ»!!!

ئەڭ ئاخىرقى «بازار چاققاننىڭ»باشلاندى!!! قۇربان ھېيىتلىق «بازار چاققاننىڭ» پائالىيىتى باشلاندى! گۈزەللىكنى

رايۇنىمىزدىكى يېڭى تۈر،ھەممىنى ھەيران قالدۇردى(رەسىملىك)

رايۇنىمىزدىكى يېڭى تۈر،ھەممىنى ھەيران قالدۇردى 2021-يىلى6-ئاينىڭ19-كۈنى ئاقسۇ شەھىرىنىڭ كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كە