داغنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى

2 يىل ئىلگىرى yasinjan چىكىلىشى: 21307

 داغنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى

داغنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى ئادەتتە 7يىل  بۇلىدۇ ،دىمەكچى تىرە ئۈستىگە چىقىپ سىز داغ ئۆرلىۋالدى دىگەندە ،ئۇ ئاللىبۇرۇن 8-يىلغا قەدەم قويغان بۇلىدۇ، تىرىدە بىر تال چىكىتچىلىك ياكى بىر تال تەڭگىچىلىك داغنىڭ ئورنى بار بولسا ،بۇ داغ تىرە ئاستىدا ئاللىبۇرۇن كەڭ كۈلەمدە يامراپ بولغان بۇلىدۇ. داغ يۇقىتىشتا ھەرگىز ئىتتىك ،تىز يۇقىتىمەن دەپ ئالدىرماڭ،پەقەت تەركىبىدە ھورمۇنلۇق تەركىپلەرنى ھەددىدىن ئارتۇق  ئاشۇرغاندىلا داغ يۇقىتىش مەھسۇلاتلىرى تىز ئۈنۈم بېرىدۇ  ،ئەمما ئىشلىتىشتىن توختىغاندىن كېيىنلا ،يەنە پەيدا بۇلىدۇ، ئادەتتىكى مەھسۇلاتلارنىڭ داغنى يىلتىزىدىن يۇقىتىشى مۇمكىن ئەمەس،  ئۇ پەقەت ۋاقىتلىق .ئىلمى ئۇسۇل ئارقىلىق داغنى بارا- بارا سۇسلاشتۇرۇپ ئاندىن يۇقىتشقا بۇلىدۇ، لېكىن چۇقۇم بەلگىلىك ۋاقت كىرەك، داغنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچى ئىنتاين مۇرەككەپ، ئادەتتە مۇھىت ،سالامەتلىك،ئىرسيەت ،روھى كەيپىيات، ياشنىڭ چوڭىيىشى،ئۇيقۇسىزلىق ،خاتا ئىشلىتىلگەن دورا،نورمىدىن ئاشۇرىۋېتىلگەن ھورمۇن ،قۇياش نۇرى بىلەن،تۇرمۇش ئادىتى ،ئىستمال ئادىتى ،بەدەن ھەم تىرە ئاسراش ئادىتى قاتارلقلار بىلەن مۇناسۋەتلك شۇڭا داغ يۇقىتىمەن دەيدكەنسىز ئاۋۋل 1-سالامەتلىكىڭىزگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىڭ! ،2-ناچار تۇرمۇش ئادىتىڭىزنى تۈزۈتۈڭ،3-تېرە ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بىېرىڭ!، 4-ئاپتاپتىن ساقلاش خىزمتى ياخشى ئىشلەڭ  5-سۇ تۇلۇقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئەڭ مۇھىم.6-ھەممىدىن مۇھىمى يىمەك-ئىچمەكتىن ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك ،تېرە غىدىقلايدىغان ھەرقانداق بىر يىمەكلىك تېرىنى زەخىملەندۈرۈپ قۇيىشى مۈمكۈن.

«ھۆسنىگۈل»داغ-سەپكۈن يوقۇتۇش يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتى ئەل ئارىسىدا تارىلىپ يۈرگەن «خۇاتونىڭ مەخپى رىتسىپى»ئاساسىدا ياسالغان بولۇپ  تەجرىبىدىن ئۆتكەن مەھسۇلات ،بۇ مەھسۇلات شىنجاڭ دىيارىغا كىرگەندىن كېيىن سىناق ئىشلىتىلىپ شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيىلىك ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان مەھسۇلات دەپ بېكىتىلگەن ،شۇنداقلا تېرىگە سۇتۇلۇقلاش ،تېرە ئاسراش ئىقتىدارىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن . «ھۆسنىگۈل»داغ-سەپكۈن يوقۇتۇش مەھسۇلاتىنى شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتى خانىم-قىزلارنىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن بۇ مەھسۇلاتنى شىنجاڭ رايۇنىدا بازارغا سالغان 15 يىل جەريانىدا، مەھسۇلاتنىڭ داغ-سەپكۈن يوقۇتۇش ئۈنىمىنىڭ ئالاھىدە ياخشى، بىخەتەر ،ئەكىس تەسىرى يوق بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىكى ئىسپاتلانغان ،شىنجاڭ ھۆسنىگۈل سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ كۇزىر مەھسۇلاتىنىڭ بىرى بولۇپ قالتىس ئۈنۈم يارىتىۋاتقان چولپان مەھسۇلات.

ئالاقىلىشىش :0997.2550338 0997.2220338

ھەممەيلەنگە ئەس قاتىدىغان ھىكايە

لازا ساتىدىغانلار داۋاملىق ھالدا مۇنداق بىر مەسىلىگە ئۇچىرايدۇ. «سېتىۋاتقان لازىڭىز ئاچچىقمۇ؟»

نېمە دەپ جاۋاب بېرىش كېرەك؟

ئاچچىق دېسە، ئاچچىقتىن قورقىدىغان ئادەم لازىنى سېتىۋالماسلىقى مۇمكىن، ئاچچىق ئەمەس دېسە، بەلكىم خىرىدار ئاچچىق لازىنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن، يەنىلا سودا پۈتمەيدۇ.

بىر كۈنى ھارۋا ئىتتىرىپ لازا ساتىدىغان بىر ئايال كۈندىكىدەك ھارۋىسىنى ئىتتىرىپ لازا ساتقىلى چىقىپتۇ. ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بازار تىجارىتى كەسپىدە ئوقۇيدىغان بىر ئوقۇغۇچى بۇ ئايالنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ تىجارىتىنى كۆزىتىپ، ئۆز كەسپىدىكى پىروجىكىتكە ماتېرىيال تەييارلىماقچى بوپتۇ.

دەماللىققا خىرىدار يوقلۇقىنى كۆرگەندىن كېيىن سىتودىنت ئۇ لازا ساتقۇچى ئايالغا مەسىلھەت بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:

-سىز لازىلارنى ئىككىگە ئايرىۋىلىڭ، ئاچچىقىنى ئالىدىغانلارغا بىر دۆۋىسىنى، ئاچچىق ئەمەسنى ئالىدىغانلارغا يەنە بىر دۆۋىسىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ساتمامسىز!؟ 

لازا ساتقۇچى ئايال كۈلۈپ قويۇپ دەپتۇ:

-ئۇنداق قىلىش ھاجەتسىز.

ئۇنىڭغىچە بىر خېرىدار كېلىپ كونا سوئالنى سوراپتۇ:

-لازىلار ئاچچىقمۇ؟

ئايال ئۇنىڭغا:

-رەڭگى قېنىق لازىلار ئاچچىق، سۇس رەڭلىكلىرى ئاچچىق ئەمەس.

خېرىدار رازى بولغان قىياپەتتە لازىلارنى تاللاپ سېتىۋاپتۇ.

بىردەمدىلا قېنىق رەڭلىك لازىلار سېتىلىپ بوپتۇ.

يەنە بىر خېرىدار كېلىپ يەنە شۇ سوئالنى سوراپتۇ.

ئايال ئۆزىنىڭ لازىلىرىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كېيىن جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەپتۇ:

-ئۇزۇنچاق لازىلار ئاچچىق، قىسقىچاق لازىلار ئاچچىق ئەمەس. خېرىدارمۇ ئايالنىڭ دېگىنىدەك لازىلارنى

 

تاللاپ يۈرۈپ سېتىۋاپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇزۇنچاق لازىلار سېتىلىپ تۈگەپتۇ.

بۇ چاغدا ھارۋىدا قالغان رەڭگى قېنىق لازا بىلەن قىسقىچاق لازىلارغا قاراپ  سىتودىنت كۆڭلىدە «ئەمدى لازا ساتقۇچى ئايال بۇ لازىلارنى نېمىدەپ ساتاركىن» دەپ ئويلاپتۇ.

يەنە بىر خېرىدار كېلىپ، لازىلار ئاچچىقمۇ دەپ سورىغاندا، ئايال تەمتىرىمەستىن:

-پوستى قاتتىقلىرى ئاچچىق، پوستى يۇمشاقلىرى ئاچچىق ئەمەس.

سىتودىنىت ئۆز كۈڭلىدە ئايالغا قايىل بوپتۇ ۋە كۈڭلىدە:

-دۇرۇس  ئەمەسمۇ؟ يېرىم كۈن كۈن نۇرىدا تۇرغان لازىلار تەبئىيلا يۇمشاپ كەتمەمدۇ؟

دەپ ئويلاپتۇ.

ئايال لازىلىرىنى سېتىپ بولۇپ، مېڭىش ئالدىدا سىتودىنتقا:

-سىز دېگەن ھېلىقى ئامالنى لازا ساتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ئەمما مېنىڭ بۇ ئامالىمنى پەقەت ئۆزۈملا 

 

بىلىمەن.

دەپتۇ.

خوش، ئۇنداقتا  سېتىش دېگەن نېمە؟

1. ناتۇنۇش خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز: ئەدەپ-قائىدە.

2. تونۇش خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز: قىزغىنلىق.

3. ئالدىراش خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز: ئۈنۈم.

4. ئېزىلەڭگۈ خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز: سەۋرچانلىق.

5. پۇلدار خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز: ئىسىللىك.

6. پۇلسىز خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز: ئەرزانچىلىق.

7. بايۋەتچى خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز: مەرتلىك.

8. مودا خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز: مودا-ئېقىم.

9. پىخسىق خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز: مەنپەئەت.

10. ھەشەمخور خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز: مۇلازىمەت.

11. قۇسۇرچى خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز: ئىنچىكىلىك.

12. ئارىسالدى خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز: كاپالەت.

13. مۇلايىم خېرىدارغا ساتىدىغىنىمىز: ئىدىيە بىرلىكى.

مانا بۇ سېتىشتۇر!!!

سەھىپە يېڭىلىقلىرى

تېخىمۇ كۆپ »

« ھۆسنىگۈل» ئەتىرگۈل پۈركۈمىسى

« ھۆسنىگۈل» ئەتىرگۈل پۈركۈمىسى تەركىبى:سۇ ئەتىرگۈل شىرنىسى،توغراق سۈيى،ھەسەل جەۋھىرى (ROSA RUGOSA)،گىئالۇرونىك كى

«كافور»زەنجىۋېل،قارا ئوت فاموسى

«كافور»زەنجىۋېل،قارا ئوت فاموسى قارا ئوت بىرخىل يۇمشاق غوللۇق ئۈسۈملۈك بولۇپ جۇڭيى تىبابىتىدە ياپرىقى يىلت

قارا ئوت زادى نىمە؟

قارا ئوت زادى نىمە؟ قارا ئوت بىرخىل يۇمشاق غوللۇق ئۈسۈملۈك بولۇپ جۇڭيى تىبابىتىدە ياپرىقى يىلتىسى،ئۇرۇقى ئۆ

ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان ئاجايىپ مەخپىيەتلىك ئاشكارىلىنىپ كەتتى(رەسىملىك)

شىركىتىمىزنىڭ شۇئارى 1.ياخشى مەھسۇلات ئۆزى سۆزلەيدۇ.2.سۈپەت «ھۆسنىگۈل»نىڭ تۈۋرىكى،ئىشەنچ «ھۆسنىگۈل»نىڭ كۆۋر

قىزلار كوللاگېن ئاقسىلىنى قانداق تولۇقلىشى كېرەك؟ (رەسىملىك)

كوللاگېن ئاقسىلىنى تولۇقلاش ئۈستىدە توختالغاندا، بەزىلەر يېمەكلىك ئارقىلىق تولۇقلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان، م

ئاياللار ساغلاملىقىدىكى مەخپى سىرلار(رەسىملىك)

01ئاياللار كېسىلىنى نېمە ئۈچۈن جۇڭيىچە داۋالاشنى تاللايمىز؟ چۈنكى ئاياللار كېسەللىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققا